كوباخىدزې بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزاسىنىڭ تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈردى

گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزې نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئۆزىگە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان سىلوۋېنىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو ۋەقەسى بىلەن تەھدىت سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2143754
كوباخىدزې بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئەزاسىنىڭ تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈردى

كىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرۇزىيە باش مىنىستىرى ئىراكلى كوباخىدزې ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، پارلامېنت قوبۇل قىلغان ۋە ئۆكتچىلەر ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەنىڭ قوللىشى ئاستىدا چىقىرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن «چەت ئەل تەسىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى» قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ قانۇنغا نارازىلىق بىلدۈرگەن بەزى سىياسەتچىلەرنى گىرۇزىيە خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەھدىت سېلىش بىلەن ئەيىبلەپ: «خەلق قانۇنغا مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنى، يۇقىرى دەرىجىلىك بەزى سىياسەتچىلەرنىڭ خەلققە ۋە سايلانغان ھۆكۈمەتكە ئوچۇق-ئاشكارا تەھدىت سېلىشتىن يانمىغانلىقىنى كۆزەتمەكتە» دېدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىر ئەزاسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئۆزىگە تەھدىت سېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:

 «ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ بىز ئەزاسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكىنىمدە سېلىنغان تەھدىت، كىشىنى چۆچۈتىدۇ. كومىتېت ئەزاسى قانۇن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن يولغا قويۇلىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ جەرياندا <سىلوۋېنىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكوغا نېمە بولغانلىقىنى كۆردىڭىز، شۇڭا ئىنتايىن دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك> دېدى.»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «فىكوغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا، ئۇنىڭ پارتىيەسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ ئىستىخبارات ئورگىنىنىڭ ئىزى تېپىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشنى خالايمەن» دېدى.

ئۇ ئاخىرىدا، دۆلىتى ۋە ئۆزىگە تەھدىت سالغانلارنىڭ پىلانلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تىنچلىق ھەمدە سىياسىي مۇقىملىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

سىلوۋېنىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو ئۆتكەن ھەپتە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر