TRTVOTWORLD

 

TRTVOTWORLD.COM

 

TRTVOTWORLD.COM  تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى چەت ئەل تىللىرى باشقارمىسىنىڭ «خەۋەر» تور بېتىدۇر. 41  تىلدىكى خەۋەر تارقىتىشى بىلەن  تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە ئالاقىدار قاراشلىرىنى پۈتكۈل دۇنياغا «دۆلەت ساداسى» سۈپىتىدە جاكارلىماقتا.

نۆۋەتتە چەت ئەل تىللىرىدا خەۋەر تارقىتىش دىگىتال ھالغا ئايلانغان دۇنيا تاراتقۇلىرى بىلەن ماسلىشىش مەقسىتىدە قىسقا دولقۇن ئارقىلىق ئاڭلىتىش بەرگەندىن تاشقىرى تور بەتلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان TRTVOTWORLD.COM  ناھايىتى كەڭ دائىرىدىكى چەت ئەل تىللىرىدا خەۋەر تارقاتماقتا. تۈركىيە، دۇنيا ۋە خەۋەر تارقىتىش ئوبيېكتى بولغان رايونلارغا ئالاقىدار خەۋەرلەر، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، ئۇچۇر، ئىلىم – پەن ۋە تېخنولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر دىققەت بىلەن تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن تاللىنىپ ئېلان قىلىنىدۇ.  تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى مۇھىم ۋەقەلەر ۋە ئۆزگىرىشلەر خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ داۋاملىق تەقىب قىلىنىشى سايىسىدا ئەتراپلىق، بىتەرەپ، ئىشەنچلىك ۋە تېز شەكىلدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەقدىم قىلىنىدۇ.

تۈركىيە ھەققىدە ئەڭ توغرا، دۇنيا كۈنتەرتىپى ھەققىدە ئەڭ بىتەرەپ خەۋەر تارقىتىش مەسىلىسىدە TRTVOTWORLD.COM دۇنيادىكى  ساناقلىق «<خەۋەر> تور بەتلىرى» دىن بىرىدۇر.