ياۋروپا ئىتتىپاقى 14-ئېمبارگو پىلانىنى قوبۇل قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدىغان 14-ئېمبارگو پىلانىنىڭ رەسمىي قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2155391
ياۋروپا ئىتتىپاقى 14-ئېمبارگو پىلانىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئېمبارگولاردىكى قانۇنىي بوشلۇقلارنىڭ تۈزىتىلىدىغانلىقى، ئېمبارگولارغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ قىيىنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېڭى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«ئېمبارگو پىلانى ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە مۇستەقىللىقىگە تەھدىت سالغان ھەرىكەتلەرگە جاۋابكار 116 كىشى ۋە ئىدارە-ئورگانلارغا، شۇنداقلا ئوخشىمىغان سانائەت ساھەسىگە يېڭى ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىدۇ. رۇسىيەنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان (LNG) تەبىئىي گازىنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈشتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەسلىھەلىردىن پايدىلىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى زېمىنلىرىدا رۇسىيەنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىنى قايتىدىن قاچىلاش خىزمەتلىرى مەنئى قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولىرىدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغان يېڭى تەدبىرلەر يولغا قويۇلىدۇ. رۇسىيە ھەربىي ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ماللارنى ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىشتا تەكشۈرۈش، بايقاش مېخانىزملىرى تەسىس قىلىنىدۇ. رۇسىيەگە قاتناۋاتقان بەزى پاراخوتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پورتلىرىغا كىرىشى چەكلىنىدۇ.»

رۇسىيەنى ھەم پۇقراۋى ھەمدە ھەربىي تېخنولوگىيە بىلەن تەمىنلىگەن 61 شىركەتنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، ئىچىدە ئۈچىنچى دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقانلىرىمۇ بار بولغان مەزكۇر شىركەتلەرگە، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ياۋروپا ئىتىتپاقى بۇ قېتىملىق ئېمبارگو بىلەن بىرىنچى قېتىم رۇسىيەنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گازىغا نىسبەتەن تەدبىر ئالغان بولدى.

ياۋروپا ئىتىتپاقى ئۇكرائىناغا 2022-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان رۇسىيەگە سودا، پۇل-مۇئامىلە، نېفىت ۋە كۆمۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئېنېرگىيە، تېخنولوگىيە، سانائەت، قاتناش، قوش يۆنىلىشتە ئىشلىتىلىدىغان ۋە ھەشەمەتلىك ماللار بىلەن، ئالتۇن، ئالماسقىچە تۇتىشىدىغان دائىرەسى كەڭ ئېمبارگولارنى يۈرگۈمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر