كانادادىكى ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈرمىدىكى مەھبۇسلار تارقاقلاشتۇرۇلدى

كانادانىڭ كۇبېك ئىشتاتىغا قاراشلىق كوتې-نورد رايونىغا جايلاشقان بىخەتەرلىكى يۇقىرى پورت-كارتىئېر تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلار ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.

2155240
كانادادىكى ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن تۈرمىدىكى مەھبۇسلار تارقاقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا تۈرمە دائىرلىرى كۇبېك ئۆلكىسىدە نەچچە كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن كوتې-نورد رايونىدا، جۈمە كۈنى (21-ئىيۇن) جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

دائىرىلەر بىخەتەرلىكى يۇقىرى پورت-كارتىئېر تۈرمىسىدىكى مەھبۇسلارنىڭ ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان تۈرمىلەرگە يوللانغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مەھبۇسلارنى يۆتكەش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، رايوندىكى تەخمىنەن 1000 ئاھالىنىڭمۇ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ رايونغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر