جەنۇبىي كورېيەنىڭ باتارېيە زاۋۇتىغا ئوت كەتتى

جەنۇبىي كورېيە پايتەختى سېئۇلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لىتىي باتارېيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.

2155255
جەنۇبىي كورېيەنىڭ باتارېيە زاۋۇتىغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پايتەختى سېئۇلنىڭ جەنۇبىدىكى لىتىي باتارېيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە، 20 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، پاژارنى ئەترىتى سېئۇلنىڭ جەنۇبىدىكى خۋاسېڭ شەھىرىدىكى «ئارىكېل» دەپ ئاتىلىدىغان لىتىي باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتكەن.

خەۋەرلەردە، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 20 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، جېنىدىن ئايرىلغان ئىشچىلارنىڭ كىملىكىنىڭ ئېنىقلىنالمىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئالاقىدار تارماقلار يارىلانغان تۆت كىشىنىڭ داۋالاش ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى،  زاۋۇتتا قاپسېلىپ قالغان باشقا ئىشچىلارنى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول ئوتنىڭ ئۆچۈرۈلۈشى ۋە قاپسېلىپ قالغان ئىشچىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بارلىق خادىملار ۋە ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھالەت پەرمانى چۈشۈردى.

ئىچكى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك مىنىستىرى لى ساڭمىن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەردىن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر