ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى بىر سەھىيە مەركىزىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىككى پەلەستىنلىك خادىمى قازا قىلدى.

2155205
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ۋەھشىيانە ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدىكى خەلق مۇداپىئە تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تۈنۈگۈن (23-ىيۇن) غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دوختۇرخانىغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 2 خادىمى قازا قىلىپ،  نۇرغۇن كىشى يارىلانغان.

7 - ئۆكتەبىردىن (2023) بۇيان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قىلغان ۋەھشىيانە ھۇجۇمىدا، 38 مىڭغا يېقىن پەلەستىن پۇقراسى قىرغىن قىلىندى.  بىنا خارابىلىكلىرى ئاستىدا ھازىرمۇ مىڭلىغان كىشىنىڭ جەسىتى بارلىقى مەلۇم. پەلەستىنلىك پۇقرالار پاناھلىنىۋاتقان دوختۇرخانا، مائارىپ ئورگانلىرى ۋە ئاممىۋىي ئۇل-ئەسلىھەلەر قەستەن ۋەيران قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر