نورۋېگىيە رۇسىيە پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا بەلگىلىمىلىرىنى چىڭىتتى

نورۋېگىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىشغالچى ئۇرۇشى سەۋەبىدىن، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ نورۋېگىيەگە كېلىشىنى چەكلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ چىڭىتىشنى قارار قىلدى.

2143500
نورۋېگىيە رۇسىيە پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزا بەلگىلىمىلىرىنى چىڭىتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نورۋېگىيە ئەدلىيە مىنىستىرى ئېمىلى ئېنگېر مېل (Emilie Enger Mehl) يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۇكرائىناغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قانۇنسىز ئۇرۇش سەۋەبى» تۈپەيلىدىن، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ نورۋېگىيەگە ۋىزا ئېلىش رەسمىيەتلىرىنى چېڭىتىش قارارى چىقارغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

قارار بويىچە، نورۋرگىيەگە ساياھەت قىلىش كەلمەكچى بولغانلار ياكى مۇھىم سەۋەبلىرى بولمىغانلارنىڭ تاموژنىدىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ. يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان، نورۋېگىيەدە ياكى شەنگەنگە ئەزا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان رۇسىيەلىك ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا بولىدۇ.

نورۋېگىيە رۇسىيە بىلەن چېگرا ئېغىزى ھېسابلىنىدىغان ستورسكوگ (Storskog)  بازىرىدىن كەلگەن رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئاخبارات توپلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىدى.

نورۋېگىيە دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مۇداپىئەسىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ياۋروپا دۆلەتلىرىدە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشىنىڭ، موسكۋاغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

نورۋېگىيە ئىستىخباراتى (PST) مۇ ئۇكرائىنا ئۈچۈن قورال-ياراغ ياساۋاتقان نورۋېگىيە شىركەتلىرىگە قارشى قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش تەھدىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى.

نورۋېگىيە 2007-يىلى رۇسىيە بىلەن ئىمزالىغان ۋىزا كېلىشىمىنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 2022-يىلى 22-سېنتەبىر توڭلىتىپ قويدى.

ناتو ئەزاسى بولغان نورۋېگىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇبتا رۇسىيە بىلەن ئۇزۇنلۇقى 198 كىلومېتىر كېلىدىغان چېگراسى بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر