تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئېمبارگو مەسىلىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (52)

1551759
تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئېمبارگو مەسىلىسى

تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئېمبارگو مەسىلىسى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (52)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئېمبارگو مەسىلىسى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

يېقىنقى يىللاردا كرىزىسلەر كەم بولمىغان تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋاتلىرىدىكى يېڭى كىرىزىسنىڭ ئىسمى «CAATSA»  ئېمبارگوسى بولدى. ئۇزۇندىن بۇيان ساقلىنىۋاتقان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زادى قانداق يولغا قويۇش قارارىغا كېلەلمىگەن بۇ ئېمبارگو ترامپ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا بىر ئاي قالغاندا يولغا قويۇلغان بولدى. بەزىلەر بۇ ئېمبارگوغا «ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە» دەپ باھا بەرسە، يەنە بەزىلەر كۈتىلگىنىدىن تولىمۇ يېنىك ئېمبارگو بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.

ئەھۋالنڭ زادى قانداقلىقىنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن ئېمبارگو تېكىستىنىڭ تىلىغا، تېخنىكىلىق تەرىپى ۋە گېئو- پولىتىكىلىق (سىياسىي-جۇغراپىيەلىك) باغلىنىشىغا قاراپ چىقىش ئىنتايىن پايدىلىق. تېكىست تىلىنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلانغانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئورنىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە «ئىتتىپاقداش» دېگەن سۆزنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشنى بەكرەك تاللىغاندەك قىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بۇ ئېمبارگونىڭ تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى نىشان قىلمىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى ئىشلەتكەن.

تېكىستنىڭ بىرىنچى مەنىسىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ئېمبارگو پەقەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقىغىلا قارىتىلغان. تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، ئېمبارگونىڭ مىنىستىرلىق قاتناشقان لايىھەىلەرگە قارىتىلغانلىقى مەلۇم. شۇڭلاشقا بۇ ئېمبارگونىڭ خىتاب ئوبيېكتى نە تۈركىيە، نە تۈركىيە ئىقتىسادى ياكى تۈركىيە ئارمىيەسى ئەمەس.

تېكىست سىرتىدىكى ئېمبارگو قارارلىرىنى ئىككى نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىش لازىم.  بىرىنچىسى، ئامېرىكا نۇقتىسىدىن ئېمبارگونىڭ داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر ۋاستىگە ئايلىنىپ، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلىبىي تەسىر يەتكۈزەلەيدىغان ياكى يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىدۇر. تۈركىيە بىلەن سۈرىيەدىكى پ ك ك/ ي پ گ تېرورولۇق تەشكىلاتى شۇنداقلا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارلىق گېئو-پولىتىكىلىق «سىياسىي جۇغراپىيىلىك) مەسىلىلەردە ئورتاق چۈشەنچىدىن ئۇزاقلىشىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئايرىلىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قاراپ كېتىۋاتقان پەيتتە، بۇ ئېمبارگو قارارىنىڭ مەۋجۇت ئايرىلىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىۋىتىشى، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى تولىمۇ چېگىش قېيىنچىلىققا دۇچار قىلىشى مۇمكىن. بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت كۈنتەرتىپلىرى ئارىسىدا ئورۇن ئالغان مەسىلىلەرنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە باغلىنىشلىقى، ئېمبارگونى داۋاملاشتۇرۇش ياكى ئىجرا قىلىش چىقىمنى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرىۋىتىشى مۇمكىن. ئامېرىكانىڭ رەھبەرلىك سالاھىيىتىنى قايتىدىن ئوڭشاشقا تىرىشماقچى بولغان يېڭى تاشقى سىياسەت گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى سىاسەت مەسىلىلىرىدىكى تۈركىيەدەك ھالقىلىق بىر دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەيدان تۇتۇشقا مەجبۇر بولىشى مۇمكىن.

تېخىمۇ مۇھىمى تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە ئىستراتېگىيەسىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە ئېمبارگونىڭ سەۋەب بولىشىدۇر. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا - غەرب مۇداپىئە بىناكارلىقىدىن چەتكە قېقىلىشىم تۈركىيە ئۈچۈن يەنە باشقا مۇداپىئە بىناكارلىقى قۇرۇش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقى ئېنىق. بۇنداق ئەھۋالنىڭ چوقۇم گېئو-پولىتىكىلىق (سىياسىي جۇغراپىيىلىك) ئاقىۋەتلىرى بولىدۇ. بۇ ۋەجىدىن بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىمبارگونىڭ مالىيە چىقىمى بىلەن ئېمبارگو سەۋەب بولىدىغان گېئو-پولىتىكىلىق چىقىم ئوتتۇرىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق تېپىشنى خالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالالايمىز.

تۈركىيە بولسا، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبىدىن مۇداپىئە سانائەتىدىكى مەۋجۇت دىنامىك كۈچىنى نەزەردە تۇتۇپ پىلان تۈزىدۇ. تەمىنلەش زەنجىرىنى قايتىدىن رەتكە سېلىش بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. قوشۇمچە تەمىنلەش زەنجىرى قۇرۇپ چىقىش ھەمىشە مۇمكىن بولىدىغان بىر ئىش، بىراق بۇنىڭغا بىراز ۋاقىت كېتىدۇ. شۇڭا ئېمبارگو قارارىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى كۆەرسەتمەيدىغانلىقىنى ياخشى ئېنىقلاش كېرەك.

ئىككىنچىسى، تۈركىيە ئىچىگە كىرىپ قالغان تەھدىت مۇھىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلىدىغان سىستېما ۋە سۇپىلارنىڭ، ھەربىي قائىدىلەرنى ھېسابلىغان شەكىلدە تەرتىپكە سېلىنىشىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىي ئىستراتېگىيە بىلەن مۇداپىئە سانائىتى ئىستراتېگىيەسىنى ئەڭ ياخشى نۇقتىدا بىرلەشتۈرىدىغان چۈشەنچە بەرپا قىلىنىشى لازىم. ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى يۇقىرى رايونلارنىڭ يەرلىك ئىمكانىيەتلىرى بىلەن ياكى «غەربتىن مۇستەقىل مۇداپىئە سانائىتى » بىلەن ھازىرلىنىشى، تۈركىيەگە نىسبەتەن ھازىرچە ئەڭ بىخەتەر يولىدەك قىلىدۇ. ئاخىرىدا، مۇداپىئە سانائىتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد نۇقتىسىدىن بۈگۈنكى كۈندە  ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىك جاي ئىكەنلىكى ئېنىق. «مۇداپىئە» دېگىنىمىز ئەمەلىيەتتە ھەربىي كۈچنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان قوراللىنىش جەريانىدۇر. قوراللىنىشنىڭمۇ «قورالغا ئىگە بولۇش » تىن بەكرەك باشقا تېخىمۇ چوڭقۇر مەنىسى بار. بۇمۇ بىزنىڭ مۇداپىئە ئىقتىسادىغا ئەھمىيەت بېرىشمىزنى زۆرۈر ھالغا كەلتۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر