دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشلار كۈچىيىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە نارازىلىق ۋە پەلەستىنگە قوللاش سادالىرى كۈچىيىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2153408
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىسرائىلىيەگە قارشى نامايىشلار كۈچىيىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدقا يىغىلغان نامايىشچىلار بومباردىمان قىلىنغان غەززەلىكلەرگە ۋاكالىتەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىن بايراقلىرى بىلەن زۇلۇمنى توختىتىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىدا نامايىشنىڭ ئادرېسى سان دىياگو ئۇنىۋېرسىتېتى بولدى. ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئاخىرىقى سىنىپ ئوقۇغۇچىلار ھەم پەلەستىننى، ھەم قولغا ئېلىنغان دوستلىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مەكتەپ سىرتىدا باشقىچە بىر ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى تەشكىللىدى.

مۇراسىمدا پەلەستىننىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ زۇلۇمى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتى تارتىلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىمۇ يۈزلىگەن كىشى ئىسرائىلىيەنىڭ رافاھتىكى پۇقرالارغا قاراتقان ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. قوللىرىدا پەلەستىن بايرىقىنى كۆتۈرۈشكەن نامايىشچىلار پەلەستىننى قوللاپ شوئارلارنى توۋلىدى.

ئېرلاندىيەنىڭ پايتەختى دۇبلىندىمۇ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن پەلەستىنگە ھەمكارلىق نامايىشىدا بولسا، ساقچىلار نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق بىلەن ئارىلاشتى ۋە نۇرغۇن پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئالدى.

يەمەندىمۇ يۈزمىڭلىغان كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر