ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى

ئامېرىكانىڭ مىچىگان ئىشتاتىدىكى دېترويىت شەھىرىگە قايلاشقان سۇ باغچىسىدا قوراللىق ھۇجۇم يۈز بېرىپ  ئىككى كىچىك بالىنى قوشقاندا 9 كىشى يارىلاندى.

2153412
ئامېرىكادا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكلاند شەھەرلىك ساقچى باشلىقى مايك بوچارد مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئائىلىلەر بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە سەيلە قىلىدىغان سۇ باغچىسىدا قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە قالايمىقان ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

مايك بوچارد قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىچىك بالىنى قوشقاندا 9 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 8 ياشلىق بىر كىچىك بالىنىڭ بېشىغا ئوق تەگكەنلىكىنى ۋە ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مايك بوچارد يارىلانغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر