غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشتا 8 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى 8 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدىئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشتا 8 ئەسكىرىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

2153436
غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشتا 8 نەپەر ئىسرائىلىيە ئەسكىرى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززىددىن ئەلقاسسام بىرىگادىسى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھ شەھىرىدە قۇرغان «مۇرەككەپ توزاق» تا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يازما بايانات ئېلان قىلىندى.

باياناتتا، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى توقۇنۇشتا  601 - ئىستىھكام باتالىيونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بىلەن قوشۇلۇپ 8 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «Yedioth Ahronot» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ئەسكەرلەر رافاھقا قاراشلىق تېل ئەس سۇلتان پاناھلانغۇچىلار لاگېرىغا يېقىن جايدا برونىۋىكلار بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان پەيتتە يولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پارتىلاتقۇچ پارتىلاپ قازا قىلغان.

شۇنداق قىلىپ، 7 – ئۆكتەبىردە غەززە رايونىغا ھۇجۇم باشلانغاندىن بۇيان ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 658 گە يەتتى، بۇلاردىن 306 سى قۇرۇقلۇقتىن ئىشغال قىلىش جەريانىدا ئۆلتۈرۈلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھۇجۇمدا 3835 ئىسرائىلىيە ئەسكىرى يارىلانغان بولۇپ، ئۇلاردىن 1936 ى قۇرۇقلۇقتىن تاجاۋۇز قىلىش جەريانىدا يارىلانغان.

قاسسام بىرىگادالىرىنىڭ يازما باياناتىدا، رافاھ شەھىرىنىڭ غەربىگە جايلاشقان تېل سۇلتاندىكى ئەسسەئۇدى رايونىغا بېسىپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ھەربىي ئاپتوموبىللىرىغا مۇرەككەپ توزاق قۇرغانلىقىنى ۋە ئۇلارغا «ياسىن 105» راكېتاسى بىلەن ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى، نەتىجىدە برونىكلارنىڭ ئىچىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر