ئىسرائىلىيە خەلقى نېتانياھۇغا قارشى 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەردە، بۇ ھەپتە تېل ئاۋىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2153429
ئىسرائىلىيە خەلقى نېتانياھۇغا قارشى 7 - ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە خەلقى غەززە رايونىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىشى، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلىشنى تەلەپ قىلىپ يەنە كوچىلارغا چىقتى.

ئونمىڭلىغان ئىسرائىلىيە خەلقى نامايىشتا قايتىدىن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈش، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىستىپا بېرىشى ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تەلەپلىرىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.

نامايىشلار تېل ئاۋىۋ، غەربىي قۇددۇس، ھايفا ۋە ناتانيا شەھەرلىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان جايلاردا ئۆتكۈزۈلدى.

تېل ئاۋىۋدىكى نامايىشلارنىڭ ئادرېسى نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە بەلگىلىمىلىرىگە قارشى نامايىشلارنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان شۇنداقلا تۆمۈر توساقلار بىلەن تاقالغان قاپلان كوچىسى بولدى.

ھەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركىزىي نامايىشقا ئونمىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىك قاتنىشىپ كەلمەكتە ۋە غەززەدىكى ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن دەرھال ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكەن مىڭلىغان نامايىشچى باش مىنىستىر نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى ئەزاسى سىياسىئونلارغا قارشى لوزۇنكا، پىلاكاتلارنى ئاچتى. كوچىدا قۇرۇلغان مۇنبەردە ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىپ نۇتۇقلار سۆزلەندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، نامايىشتا نۇتۇق سۆزلىگەن ئىسرائىلىيە ئاساسلىق ئۆكتىچى رەھبىرى يايىر لاپىد ھۆكۈمەتنى دەرھال ئىستىپا بېرىشكە ۋە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.

يايىر لاپىد نېتانياھۇنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ۋە يۈز بەرگەن ئىشلاردا جاۋابكارلىقى بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ،  ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ بىردىنبىر مەقسىتىنىڭ يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت ئۇتۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ ئارىلىقتا سەفەد شەھىرىگە يېقىن جايدا ، يۈزلىگەن كىشى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھ بىلەن بولغان توقۇنۇشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان شىمالىي رايون ئاھالىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر