تۈركىيە بايقىغان تەبىئىي گازنىڭ تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (35)

1480618
تۈركىيە بايقىغان تەبىئىي گازنىڭ تەسىرى

تۈركىيە بايقىغان تەبىئىي گازنىڭ تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (35)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە بايقىغان تەبىئىي گازنىڭ تەسىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ئالدىنقى ھەپتە تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باياناتىدا، قارا دېڭىزدىكى ساكارىيا ناملىق بۇرغىلاش رايونىنىڭ تۇنا ئىسىملىك قىسمىدا 320 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز زاپىسى بارلىقىنى ۋە بۇ زاپاسنىڭ 2023 - يىلغىچە چىقىرىلىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، تۈركىيە ئېنېرگىيەدە %99 سىرتقا تايىنىدىغان بىر دۆلەت. بۇ تايىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەبىئىي گاز تەشكىل قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ يىللىق گاز ئىستېمال مىقدارى تەخمىنەن 50 مىليارد كۇب مېتىر. قارا دېڭىزدا بايقالغان گاز مىقدارى بولسا، ھازىرچە تۈركىيەنىڭ 7 ياكى 8 يىللىق گاز ئېھتىياجنى قاندۇرالىشى مۇمكىن. بىراق شۇنداقتىمۇ بۇ مىقداردىكى بايقاش تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاش ۋە دۇنيا بويىچىمۇ 12 – ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ بايقاشلارنىڭ بىرسى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدە سىرتقا تايىنىشى تۈركىيەنى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا مەجبۇر قىلىپ كەلمەكتە. 50 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىشى ۋە ھەر يىلى ئېنېرگىيەگە تۆلەيدىغان پۇل مىقدارى خامچوتتا قىزىل رەقەمنىڭ كۆرۈنىشىگە سەۋەب بولماقتا.  قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گاز زاپىسى بولسا، تۈركىيەنىڭ ئاز مىقداردىكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قامداشتىن سىرت، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشقان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنىڭ بىرسى ئېنېرگىيەنىڭ كۆپ خىللىشىشىدۇر- ئەلۋەتتە. تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە. تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق يېڭىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئۆز مەبلىغىگە تايانغان ئاساستا كۆپەيتىپ، سۇ مەنبەلىك ئېنېرگىيە كۈچىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ تەرەققىي قىلدۇردى. قارا دېڭىزدىكى بايقاشنىڭ داۋامى بولغان ئەھۋالدا، تۈركىيەنىڭ تەبىئىي گازنى مۇھىم تاللاشلارنىڭ ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرسىگە ئايلاندۇرىشى مۇمكىن بولىدۇ.

ئېنېرگىيەنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش سىياسىتىنىڭ يەنە بىر يۈزى بولسا، مەنبە دۆلەتلەرنىڭ كۆپ خىللىشىشىدۇر. بۇ يەردىكى مەقسەت بىرلا دۆلەت ياكى بىرلا ئېنېرگىيە مەنبەسىگە باغلىنىپ قىلىشتىن ساقلىنىشتۇر. قارا دېڭىزدىكى بايقاش تۈركىيەنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ،  مەنبە كۆپ خىللىقى جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلاستىكىلىق پوزىتسىيە تۇتالىشىنى ئىشقا ئاشۇرىشى مۇمكىن.يەنە بىر مۇھىم تەسىرى بولسا، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەمىنلىنىشتە تۈركىيەنىڭ ئورنىنى مۇستەھكەملىشىدۇر.

تۈركىيە ئېنېرگىيە يۆتكەش جەھەتتە ئەڭ ھالقىلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەۋزەللىكلىرى ئارىسىدا مۇقىم قۇرۇلمىغا ئىگە بولغانلىقى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنى، ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ۋە مەۋجۇت ئېنېرگىيە زاپىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، تۈركىيەنىڭ قۇرۇلما جەھەتتىكى مۇقىملىقى تېخىمۇ بەك ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ. قارا دېڭىز تەبىئىي گازى، تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە يۆتكەشتىكى ئۆتكۈنچى دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىنى ھەم تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، ھەم ئۆزىنىمۇ بىر ئېنېرگىيە دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە يېڭى بىر گەۋدە قوشۇلىشىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن.

خەلقئارا ئېنېرگىيە گىئو-پولىتىكاسىدا تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىزدىكى تەبىئىي گازى ئارقىلىق ئېنېرگىيە ئاكتىيورلىرىدىن بىرسىگە ئايلىنىشىنىڭمۇ يولى ئېچىلىشى مۇمكىن. رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇۋاتقان خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ سېتىۋېلىش باھالىرى جەھەتتە، پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، ئەگەر قارا دېڭىز گازىنى  سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندۇرالىسا، ئېنېرگىيە سودىسىدا چوڭ ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇ ئەۋزەللىكلەر تۈركىيەنىڭ يېڭى دەۋردە باشقا روللىرىغا قوشۇمچە سۈپىتىدە ئېنېرگىيە كۈچىگە ئىگە بولۇشىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرىشى مۇمكىن.

تاشقى سىياسەتتە يېقىنقى مەزگىلدە رايون خاراكتېرلىق گۇرۇھلىشىشلارغا قارشى  ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ  ئەگەر بىر ئېنېرگىيە كۈچىگە ئايلىنالىسا، تاشقى سىياسەتتىكى ئىلاستىكىلىقنى كۈچەيتەلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ھالغا كېلىدۇ. قارا دېڭىزدىكى بايقاش، ھازىرچە تۈركىيەنىڭ چوڭ ئېنېرگىيە دۆلىتىگە ئايلىنىشىغا يېتەرلىك ئەمەس. بىراق ئېنېرگىيە دۆلىتىگە ئايلىنىش سىياسىتىدىكى قەتئىيلىكى ۋە ئىزچىللىقى غايەت زور بىر باشلىنىش نۇقتىسىدۇر. ئەگەر بايقاشنىڭ داۋامى كېلىدىغان بولسا، تۈركىيە چوڭ بىر ئېنېرگىيە دۆلىتى بولالىشى  ھەمدە بۇ ئەھۋالدا رايون خاراكتېرلىق گىئو-پولىتىكادا نۇقتىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگىمۇ سەۋەب بولالىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر