ئەنگىن ئالتان دۇزياتان 3 پاكىستانلىق ئۆسمۈرنى ئارزۇسىغا يەتكۈزدى

ئاتاقلىق كىنو چولپىنى ئەنگىن ئالتان دۇزياتان «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» يۈرۈشلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ پاكىستانلىق مەستانىلىرىدىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان 3 ئۆسمۈر بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرىدە كۆرۈشتى.

1475667
ئەنگىن ئالتان دۇزياتان 3 پاكىستانلىق ئۆسمۈرنى ئارزۇسىغا يەتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاننىڭ «Make a Wish» ۋە تۈركىيەنىڭ «بىر تېلەك تۇت» جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان پائالىيەت فېسبۇكتا تارقىتىلدى.

ئورغاق ھۈجەيرىسىدىكى قان ئازلىق ۋە ئاق دېڭىز قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان 14 ياشلىق فىززا خۇدا بەخش، 17 ياشلىق سوھەيىل ئۆمەر ۋە 15 ياشلىق سىدرا خان ئەنئەنىۋىي كېيىملەر بىلەن قاتناشقان پروگراممىدا، ئەنگىن ئالتان دۇزياتان ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، «بۇ سۆيگۈدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. سىلەرنى ئىلھاملاندۇرغانلىقىمىزنى كۆرمەكتىمەن. بۇ ئىنتايىن قىيىن، ئەمما تولىمۇ ئېسىل رول ئىدى. مەن كۆرسەتكەن سۆيگۈڭلار ئۈچۈن ئىنتايىم خۇشالمەن. سىلەرگە كۆپ رەھمەت. بۇ بالىلارنى بىر يەرگە جەم قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈنمۇ رەھمەت ئېيتىمەن. بىر كۈنى سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئەنگىن ئالتان دۇزياتان يېرىم سائەت ئەتراپىدا نەخ مەيداندىن تارقىتىشقا قاتنىشىپ، پاكىستانلىق بالىلار بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ ئۆزىگە نەسبەتەن كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە خۇشاللىق ھېس قىلدۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە پاكىستاننىڭ «Make a Wish» ھەمدە تۈركىيەنىڭ «بىر تېلەك تۇت» جەمئىيەتلىرىگە شۇنداقلا كەڭ تاماشىبىنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.

پىروگراممىدا ئەنگىن ئالتان دۇزياتانغا تەقدىم قىلىنىشى ئۈچۈن ئۈستىگە «لا ئىلاھە ئىللاھ» دەپ خەت ئويۇلغان قىلىچ تۈركىيەنىڭ كاراچىدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى تولگا ئۇچاككا تاپشۇرۇلدى.

پاكىستانلىق ئاتاقلىق سەنئەتچىلەردىن ھۇمايۇن سەئىد ۋە زېبا بەختىيارمۇ قاتناشقان پىروگرامما 2 سائەت ئىچىدە 42 مىڭدىن ئارتۇق كىشى تەرىپىدىن كۆرۈلدى.

«دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» يۈرۈشلۈك تېلېۋىزىيە تىياتىرى رامىزاندام پاكىستاندا تارقىتىلىشقا باشلىغان ۋە زور قىزىقىش قوزغىغان شۇنداقلا باش رولدىكى ئارتىسلارمۇ پاكىستاندا نۇرغۇن مەستانىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر