ھەنىييە: سىياسىي تەلەپلەرگە جاۋاب بېرەلەيدىغان تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز

ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىدىغان ۋە سىياسىي تەلەپلەرگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىدى.

2154804
ھەنىييە: سىياسىي تەلەپلەرگە جاۋاب بېرەلەيدىغان تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل ھەنىييە لىۋان پايتەختى بېيرۇتتا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇش سېنارىيەلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىنغا قاتناشتى.

ئۇ: «ئۇرۇشنىڭ پۈتۈنلەي توختىشى، ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رايوندىن چېكىنىشى، رايوننىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى، ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە غەززە خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى يەتكۈزۈش قاتارلىق تەلەپلىرىمىز بار. يەنى، بۇلار خەلقىمىزنىڭ، قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۈممەتنىڭ ئەركىن كىشىلىرىنىڭ تەلەپلىرى. ھاماس مۇزاكىرەلەرنى بۇ تەلەپلەر ئاساسىدا ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرەلىرىدە، قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە جاۋاب بېرەلەيدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز» دېدى.

ئۇ قاتار ۋە مىسىر تەرىپىدىن  6-ماي (2024) تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقلىرىنى، بىراق ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىگە، قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەلىپىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ۋاستىلىك مۇزاكىرە جەريانى

ھاماس 6-ماي قاتار ۋە مىسىر دائىرىلىرىگە ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقىنى يەتكۈزدى. بىراق، ئىسىرائىلىيە «شەرتلەرگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى سەۋەب كۆرسىتىپ، بۇ تەكلىپنى رەت قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 31-ماي (2024) ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۈچ باسقۇچلۇق يېڭى ئۇرۇش توختىتىش تەكپىلىنى سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇ مەزكۇر تەكلىپنى ئىسىرائىلىيەنىڭ سۇنغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ «بەلگلەنگەن نىشانلار ئەمەلگە ئاشقىچە» ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

نېتانياھۇ 3-ئىيۇن (2024) ئىسىرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە مۇداپىئە كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، ئىسىرائىلىيە بىلەن بايدىن تەرىپىدىن سۇنۇلغان تەكلىپلەر ئارىسىدا «چوڭ ئوخشىماسلىقلار» نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر