ھىندىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ۋاپات بولدى

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ئۇزۇندىن بۇيان راك كېسىلى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان ئەنقەرە باش ئەلچىسى ۋىراندېر پاۋۇلنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2154833
ھىندىستاننىڭ ئەنقەرە باش ئەلچىسى ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار ئېكس (X) ئادرېسىدا، ئۇزۇندىن بۇيان راك كېسىلى سەۋەبىدىن داۋالىنىۋاتقان ئەنقەرە باش ئەلچىسى ۋىراندېر پاۋۇلنىڭ  ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا، ۋىراندېر پاۋۇلنىڭ  ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقلىرىنى ۋە نۇرغۇن خىزمەتلەردە يېقىندىن ھەمكارلاشقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ باش ئەلچى پاۋۇلنىڭ خىزمىتىگە سادىق ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر قاچان باشلامچىلىق بىلەن نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئائىلىسىگە تەزىيەسىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، باش ئەلچى پاۋۇل ھىندىستاندا داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر