كۇۋەيت لىۋاندىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

كۇۋەيت ھۆكۈمىتى ھىزبۇللاھ بىلەن ئىسىرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا چېگرادا ئوتتۇرىغا چىققان جىددىيچىلىكلەر سەۋەبىدىن، لىۋاندىكى پۇقرالىرىدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى.

2154835
كۇۋەيت لىۋاندىكى پۇقرالىرىنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇۋەيت تاشقى ئىشلار ئەمىرلىكى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە لىۋاندا تۇرۇۋاتقان پۇقرالىرىدىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ دۆلەتتىن چىقىپ كېتىشنى ۋە لىۋاندىكى كۇۋەيت ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

باياناتتا يەنە، رايون ۋەزىيىتى ۋە بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن پۇقرالارنىڭ لىۋانغا بارماسلىقى تەكىتلەندى.

7-ئۆكتەبىر (2023) دىن بۇيان غەززەگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىسىرائىلىيە، شىمالىي چېگراسىدا لىۋان ھىزبۇللاھى بىلەن توقۇنۇشماقتا.

يېقىنقى كۈنلەردە ئىسىرائىلىيە-لىۋان ئوتتۇرىسىدا «يېشىل لىنيە» دەپ ئاتالغان چېگرا بويلىرىدا، جىددىيچىلىك ئەۋجىگە چىقتى. ئىسىرائىلىيە ئارمىيەسى 18-ئىيۇن (2024) لىۋانغا قارشى باشلىنىدىغان ھۇجۇم ئېھتىمالىغا مۇناسىۋەتلىك «ھەربىي ھەرىكەت پىلانى» نىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر