ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى دۆلىتىنىڭ غەززە سىياسىتىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، خىزمىتىدىن ئىستېبا بەردى.

2154831
ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىر ئەندرۇ مىللېر (Andrew Miller) خىزمەتداشلىرىغا سەككىز ئايدىن بۇيان ئائىلىسىنى ناھايىتى ئاز كۆرگەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسىرائىلىيە-پەلەستىن ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ئەندرۇ مىللېر غەززەدە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنىڭ ھەممە نەرسىنى تۈگىتىۋەتكەنلىكىنى، ئائىلە سەۋەبى بولمىسا خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئوخشاش پىكىردە بولمىغان ھۆكۈمەت بىلەن كۈرەش قىلىش يولىنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەندرۇ مىللېرنىڭ ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان پەلەستىن خەلقىنى قوللاپ كەلگەنلىكى ۋە بايدىننىڭ سەككىز ئايدىن بۇيان غەززە سىياسىتىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «ئېيىقنى قۇچاقلاش» دەپ ئاتىغان پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

مىللېرنى تونۇيدىغان، ئەمما نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدار «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە، مىللېرنىڭ ھەر قاچان ئامېرىكانىڭ پەلەستىننىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ۋە دۆلىتىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەتتىكى ۋاقتىدىمۇ پەلەستىننى مۇۋاپىق شەكىلدە قوللىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەرنى قورال بىلەن تەمىنلەش» ئىدارسىنىڭ باش مۇدىرى جوش پاۋۇل (Josh Paul) 2023-يىلى ئۆكتەبىردە بايدىننىڭ غەززە سىياسىتىگە نارازىلىق كۆرسىتىپ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ قالغان ئىدى.

تاشقى ئشلار مىنىستىرلىقىدىن يەنە، تاشقى مۇناسىۋەتلەر خىزمىتىگە مەسئۇل ئەمەلدار ئاننېلې شېلىن (Annelle Sheline)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوپۇس، كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار ستەسى گىلبېرت (Stacy Gilbert)، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى لىلى گرىنبېرگ كول (Lily Greenberg Call)، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستىخبارات ئاگېنتلىقى (DIA) نىڭ ئەمەلدارى خاررىسون مان (Harrison Mann) مۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 25 ياشلىق ئەسكىرى ئارون بۇشنېل (Aaron Bushnell) 24-فېۋرال (2024) ئىسىرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە شېرىك بولمايمەن» دەپ شوئار توۋلاپ، ئۆزىگە ئوت قويۇپ بەرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر