دىنىي ئىشلار ئىدارىسى رامىزانلىق ياردەم پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش 35 دۆلەتتە رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە  38 مىڭ 450 يېمەكلىك بويۇملىرى يېشىكى، 46 مىڭ ئىپتار ئورالمىسى ۋە 10 مىڭ 800 يېتىم بالىغا بايراملىق كىيىم تارقىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1401738
دىنىي ئىشلار ئىدارىسى رامىزانلىق ياردەم پروگراممىسىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى ئەرباش «رامىزان ۋە جاۋابكارلىق » تېمىلىق 2020 – يىللىق رامىزان ئېيىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، تۈركىيە دىنىي ئۇشلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل رامىزان ئېيىدا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا جەمئىي 12 مىليون لىرالىق ياردەم تاقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئەلى ئەرباش: «بۈگۈنكى كۈندە بىر تەرەپتىن يۇقۇملۇق كېسەللىك، قورقۇنچ، ئەندىشە ، يەنە بىر تەرەپتىن  ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، زوراۋانلىق ۋە ۋەھشىيلىكنىڭ  چاڭگىلىدا نالە-پەرياد قىلىۋاتقان ئىنسانىيەت، ئاللاھنىڭ تەبىئەت ۋە پۈتۈن مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن بېكىتكەن ئۆلچەملىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ئۆزلىرىنى ھېسابقا تارتىشى كېرەك» دېدى.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور ئەلى ئەرباش «بولۇپمۇ ساغلاملىق نېئمەتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بىلىنگەن ھازىرقى ۋەزىيەتتە،  روزا تۇتۇشنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىمىزنى قوغداياىغانلىقىغا دائىر ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ياخشى ئىگىلەپ،  سالامەتلىكىمىزگە زىيانلىق بولغان تاماكا قاتارلىق بارلىق زىيانلىق ئادەتلەردىن ۋاز كېچىپ، ئاللاھنىڭ بىزگە ئىنئام قىلغان بۇ ئامانىگە ئىگە چىقايلى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر