قېتىقلىق چوربا

تۈرك تائاملىرىدىن تۈركلەرگە خاس قېتىقلىق چوربا ھەققىدە مەلۇمات

1120867
قېتىقلىق چوربا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قېتىق سۈتتىن ياسىلىدىغان بىر خىل سۈتلۈك غىزا بولۇپ، مېۋىسى بىلەن، ماروژنا شەكىللىك تۈرى بىلەن دۇنيانىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ياقتۇرۇلغان ھالدا ئىستېمال قىلىنىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە لەززەتلىك يېمەكلىكتۇر. 

ئۇنداقتا، بۇ ئېسىل يېمەكلىكنىڭ تۈركلەر سايىسىدا دۇنياغا تارقالغانلىقىنى، ھەتتا «قېتىق» ئىبارىسىنىڭ كۆپلىگەن تىللارغا تۈركچىدىن كىرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

دۇنياغا 19 – ئەسىردىن ئېتىبارەن تارقىلىشقا باشلىغان قېتىق، تۈرك داستىخانلىرىدا ئۇدا قانچە ئەسىرلەردىن بۇيان زادى كە بولسا بولماي كېلىۋاتقان لەززەتلىك يېمەكلىكتۇر.

تۈرك داستىخانلىرىدا قېتىق ئۆز ئالدىغىلا ياكى تاتلىق – تۇرۇملار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يېيىلىغىنىدەك، تائاملارنىڭ ئۈستىگە  ئاقماي سۈپىتىدە، سۇغا ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئىچىملىك قىلىپ، ياكى چوربا ئېتىپمۇ يېيىلىدۇ. كۆپلىگەن قېتىقلىق تائاملار ئارىسىدىن بۈگۈن سىلەرگە «قېتىقلىق چوربا» نى تونۇشتۇرىمىز.

تۈركىيەدە «يايلاق چوربىسى» دەپ ئاتىلىدىغان، تۈركلەرگە خاس «قېتىقلىق چوربا» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 6 ئىستاكان گۆش سۈيى ياكى سۇ
  • 3 قوشۇق گۈرۈچ
  • 2  قوشۇق ئۇن
  • 1 دانە توخۇمنىڭ سېرىقى
  • 2 ئىستاكان قېتىق
  • 2 قوشۇق تۇز ۋە قۇرۇق پىننە
  • 2 قوشۇق سېرىق ماي

تەييارلاشقا كەلسەك؛

ئالدى بىلەن قازانغا سۇ قويۇپ قاينىتىڭ. قاينىغان سۇنىڭ ئىچىگە تۇز سالغاندىن كېيىن، يۇيۇلغان گۈرۈچنى قوشۇڭ، ئاندىن گۈرۈچلەر يۇمشاشقا باشلىغانغا قەدەر پىشۇرۈشنى داۋاملاشتۇرۇڭ. باشقا بىر قاچىدا تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىلەن ئۇن ۋە قېتىقنى ئارىلاشتۇرۇڭ، ئارقىدىن بىر ئىستاكان سۇ قوشۇڭ. پىشقان گۈرۈچنىڭ ئىسسىق سۈيىدىن بىرقانچە چۆمۈچ ئېلىپ، ئاستا – ئاستا قېتىقلىق ئارىلاشمىغا ئىلاۋە قىلىپ، قاينىتىڭ. قايناشقا باشلىغاندىن كېيىن يەنە 10 مىنۇت پىشۇرۇڭ. كىچىك ياپىلاق قازاندا سېرىق ماينى ئىسسىتقاندىن كېيىن، ئۈستىگە پىننىنى سېلىڭ، 30 مىنۇت پىشۇرغاندىن كېيىن، چوربىنىڭ ئۈستىگە سېلىڭ. خالىسىڭىز قىزىلمۇچ ياكى قارىمۇچ قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر