ئەنگلىيەلىك ئاتاقلىق ناخشىچى يوسۇف ئىسلامغا 2018 – يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلدى
ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمى كەت ستېۋېن بولۇپ، 1977 – يىلى مۇسۇلمان بولغان ۋە ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسمىنى يۈسۈف ئىسلام دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.
![ئەنگلىيەلىك ئاتاقلىق ناخشىچى يوسۇف ئىسلامغا 2018 – يىللىق تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f5ca/f98c/1b1e/5bffc9dd1ef70.jpg?time=1718890956)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەلىك ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە تېكىست يازغۇچىسى يوسۇف ئىسلامغا 2018 – يىللىق خەلقئارا ھالال يېمەكلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ۋە 6 – نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھالال يېمەكلىك ئېكسپورت يەرمەنكىسىدە، 2018 – يىللىق خەلقئارا ھالال يېمەكلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلدى.
2018 – يىللىق خەلقئارا ھالال يېمەكلىك يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى ۋە 6 – نۆۋەتلىك ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھالال يېمەكلىك ئېكسپورت يەرمەنكىسى يەنىكاپىدىكى ياۋروئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە باشلاندى.
كىشىلەر ئوخشاش دەرىجىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدىغان، تېخىمۇ ئادىل بىر دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىلەن تونۇلغان، ئەنگلىيەلىك ئاتاقلىق ناخشىچى ۋە تېكىست يازغۇچىسى يوسۇف ئىسلام، ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدا، ئىسلامنى يېڭى قوبۇل قىلغان يىللاردىن بۇيانقى قىزىقارلىق ھايات مۇساپىسىدە، قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىنى شۇنداقلا ھەر قايسى ئېتىقاد، پىكىر ۋە چۈشەنچىلەرگە مەنسۇپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىپ، قاتتىق تەسىر قوزغىغان سەرگۈزەشتلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
يەرمەنكىگە قاتناشقان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئاتاقلىق سەنئەتچى يۇسۇف ئىسلامغا زور قىزىقىش كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرىكى ئىسمى كەت ستېۋېن بولۇپ، 1977 – يىلى مۇسۇلمان بولغان ۋە ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىسمىنى يۈسۈف ئىسلام دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدى.