«جۇمھۇرىيەت بايرىمى» تەنتەنىسى

« جۇمھۇرىيەت بايرىمى» تۈركىيەدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەنمەكتە.

1077572
«جۇمھۇرىيەت بايرىمى» تەنتەنىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇرىيەت بايرىمى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ 1923 – يىلى 29 – ئۆكتەبىر كۈنى «جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى» نى ئېلان قىلغانلىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن، ھەر يىلى 29 – ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيەدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىيە ۋاكالەتخانىلىرىدا تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلىنىدىغان بىر بايرام بولۇپ، بۇ يىلمۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 – يىللىقى  تۈركىيەدە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۈركىيە ۋاكالەتخانىلىرىدا تۈرلۈك مۇراسىملار ۋە پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەنمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «<29 – ئۆكتەبىر> جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئالدى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى، ئاندىن، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا تەبرىكلەرنى قوبۇل قىلدى.

كەچ تەرەپلەردە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان ۋە «دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئايرودۇرۇم» ھېسابلىنىدىغان ئايرودۇرۇمدا،  «جۇمھۇرىيەت بايرىمى» نى تەبرىكلەش زىياپىتى بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر