نىگېرىيەدىكى تۈرك مەكتىپىنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى باشلاندى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى نىگېرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «دارۇل ئەنسار» خەلقئارالىق تۈرك مەكتىپىنىڭ، تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىڭ سايىسىدا يېڭى ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى باشلاندى.

1070337
نىگېرىيەدىكى تۈرك مەكتىپىنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ئادەمدەر جەمئىيىتى» ۋە «ئابۇجا  - ئىستانبۇل دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ ۋەكىللىرىدىن فاتىھ ئەمىن دانىشان، مەكتەپنىڭ ئۇدا ئىككى يىلدىن بۇيان پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ سانىنى يېڭى بىر سىنىپ تەسىس قىلىش ئارقىلىق 281 گە يەتكۈزدۇق، مەكتىپىمىزنىڭ چىقىملىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلەم – دەپتەر قاتارلىق بارلىق ئېھتىياجلىرى، تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەر ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. بۈگۈنمۇ تۈركىيەدىن كەلگەن ياردەملەر بىلەن مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەرەت كەشى، كىتاب، قەلەم، دەپتەر ۋە ئۆچۈرگۈچ قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بەردۇق.»

ئىگىلىنىشىچە، نىگېرىيەدە ماددىي ئىمكانسىزلىق ۋە توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى مەكتەپتە ئوقۇيالمايدىكەن.

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تەخمىنەن 200 مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە نىگېرىيەدە 10.5 مىليون بالا ئوقۇشتىن مەھرۇم ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر