مېكسىكادا ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 155 كە يەتتى

مېكسىكاغا يىل بېشىدىن بۇيان ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 155 كە يەتتى.

2154633
مېكسىكادا ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 155 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پەۋقۇلئاددە ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن دۆلەتتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە ۋە توسمىلاردىكى سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلىمەكتە.

ئاساسلىقى ۋېراكرۇزدا بولۇپ، 2024-يىلىنىڭ بېشىدىن بۇيان پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىغا ئېغىر تەسىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن 155  كىشى قازا قىلدى.

ۋېراكرۇز، تاباسكو، تامائۇلىپاس، نوۋو لېئون ۋە سان لۇيىس پوتوسى ئىشتاتلىرىدا تېمپېراتۇرا 45 گرادۇستىن ئېشىپ كەتتى.

سەھىيە كاتىبات باشقارمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن پەقەت 13 – ئىيۇندىن 18-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتىلا 30 كىشى قازا قىلغان.

مەتبۇئاتلاردا تەخمىنەن 2567 كىشىنىڭ ئاپتاپ سوقۇش سەۋەبىدىن دوختۇرخانىلارغا كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. تومۇز ئىسسىقىنىڭ 5 - ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى ئىشتاتلاردا سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىش نىسبىتى تېز ئېشىشى سەۋەبىدىن توسمىلاردىكى سۇ مىقدارىنىڭ ھالقىلىق سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ئەندىشە ياراتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر