يېڭى دېھلىدا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 9 كۈندە 192  كىشى قازا قىلدى

ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا، قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 9 كۈندە 192  نەپەر ئۆيسىز سەرگەردان كىشى قازا قىلدى.

2154639
يېڭى دېھلىدا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 9 كۈندە 192  كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «India Today» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات مەركىزى 11-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن قازا قىلغان سەرگەردانلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان. دوكلاتتا، پايتەخت يېڭى دېھلىدا 9 كۈن ئىچىدە 192 سەرگەرداننىڭ قازا قىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

بۇ يېقىنقى 6 يىلدا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ سەرگەردان قازا قىلغان مەزگىل بولدى.

پايتەخت يېڭى دېھلىدا، 11-ئىيۇندىن 19-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن 2023 - يىلى 75 سەرگەردان، 2022-يىلى 150 سەرگەردان، 2021-يىلى 58  سەرگەردان، 2020-يىلى 124  سەرگەردان، 2019-يىلى  143 سەرگەردان قازا قىلغان ئىدى.

ئۇنىۋېرسال تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇنىل كۇمار ئالېدىيا بۇ كىشىنى چۆچۈتىدىغان ئىستاتىستىكىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئەڭ ئاجىز كىشىلەر توپى بولغان سەرگەردانلار ئۈچۈن تېزدىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئالېدىيە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى، سانائەتلىشىشنىڭ تېزلىشىشى، شەھەرلىشىش ۋە ئورمان كېسىشنىڭ تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋالنىڭ سەرگەردانلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ھىندىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1-مارتتىن 18-ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا 40 مىڭ 272 بىمار دوكلات قىلىنغان. بۇ بىمارلارنىڭ  457 سى 18- ئىيۇندا كۆرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر