ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە قوراللىرىنى شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا يوللاش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2154622
ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى (كرېمىل سارىيى) نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، پۇتىن ۋېيتنام زىيارىتىدىن كېيىن پايتەخت خانويدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرغان.

پۇتىن «رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىدىكى تەرەپلەردىن بىرسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆز-ئارا ھەربىي ياردەم بېرىش ماددىلىرى زادى قانداق شارائىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:  

«بۇ كېلىشىم يېڭى ئىش ئەمەس. بىز بۇ كېلىشىمنى كونا كېلىشىمنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى سەۋەبىدىن تۈزدۇق. 1962-يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىمدىمۇ بۇلارنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. شىمالىي كورېيەنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كېلىشىملىرى بار»  

ۋىلادىمىر پۇتىن شىمالىي كورېيە بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى كرىزىسنىڭ قىزىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ۋىلادىمىر پۇتىن جەنۇبىي كورېيەنىڭ رۇسىيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىدىن ئەنسىرىمەسلىكى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئايروپىلان يوللىشى چوڭ خاتالىق بولىدۇ. مەن بۇنداق بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق بولسا،  بىزمۇ جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى ياقتۇرمايدىغان قارارلارنى چىقىرىمىز» دېدى.

پۇتىن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا قورال توشۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «قورال يۆتكەۋاتقانلار بىز بىلەن ئۇرۇش قىلمايۋاتقانلىقىنى خىيال قىلىشىۋاتىدۇ. بىز قوراللىرىمىزنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ توشۇش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىمىز. شىمالىي كورېيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، بۇ ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلمايمەن » دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر