ئامېرىكا بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ «ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە قورال-ياراغ يوللاشنى رەت قىلدى» دېگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2154610
ئامېرىكا بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باياناتچىسى جون كىرباي بۇ ھەقتە مۇخبىرغا بەرگەن باياناتىدا، نېتانياھۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان ۋە ئامېرىكىنى قورال-ياراغ يوللاشنى رەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن سىن لىنتىسىنىڭ تولىمۇ ھەيران قالارلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جون كىرباي ئامېرىكانىڭ باشقا بارلىق دۆلەتلەردىنمۇ بەكرەك ئىسرائىلىيەگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ سىننى كۆرۈپ قاتتىق ئۈمىدسىزلىككە چۆككەنلىكىنى بىلدۈردى.

جون كىرباي: «باش مىنىستىر نىتانىياھۇغا قىلغان ۋە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان ياردەملەرگە ئاساسەن، بىز بۇ سۆزلەرنى بىزنى ئازابلىغۇچى ۋە كۆڭۈلنى يارا قىلىدىغان سۆز دەپ قارايمىز» دېدى ھەمدە ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

جون كىرباي نېتانياھۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى ئۆزىدىن سوراش لازىملىقىنى جىكىلەپ، سىندىكى بايانلىرىنىڭمۇ توغرا ئەمەسلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر