ئەردوغان ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان جامەدە تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 29 – سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيەدە ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان دىنىي ئىشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ كۆلىندىكى مەركەز جامەسىدە تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

1056443
ئەردوغان ئىشقا كىرىشتۈرىدىغان جامەدە تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار تۈرك ئىسلام بىرلىكىنىڭ باشلىقى نەۋزات ياشار ئاشىقئوغلۇ كۆلىن مەزكەر جامدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاياجانلىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ياۋروپا ھەم گېرمانىيە بويىچە ئەڭ مۇھىم، ئەڭ چوڭ جامەلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ جامە بۇ  يەردە ياشاۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا نىسبەتەن  سىمۋوللۇق جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جامەمىز تىنچلىق، قېرىنداشلىق ۋە بىرلىكىمىزنىڭمۇ سىمۋولىدۇر.»

26 مېتىر ئېگىزلىكتىكى گۈمبەزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان جامەدە بىرلا ۋاقىىتا 1250 كىشىنىڭ ناماز ئوقۇيالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاشىقئوغلۇ، جامەنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سىرت يەنە، گېرمانىيە دائىرىلىرىنىڭمۇ قاتنىشدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، جامە قورۇسى سودا – سېتىق ۋە تىجارەت مەركىزى، ئەرلەر ۋە ئاياللار كۇلۇبلىرى، كۆرگەزمە ۋە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى زاللىرى، 600 كىشىلىك كونفېرانس زالى، كەڭ دائىرىلىك كۇتۇبخانا ۋە ئىشخانىلارنى ھەمدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر