خىتايدا تۈرك تەنتەربىيەچى بىرىنچى بولدى
تۈركىيەنىڭ «توركۇ شەكەر تەنتەربىيە كوماندىسى» ئەزاسى ئۇنۇر بالقان خىتايدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان چىڭخەي كۆلى ئۇزۇن مۇساپىلىق ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ 9 – باسقۇچىدا، رەقىبلىرىنى يېڭىپ، بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
1023007
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ «توركۇ شەكەر تەنتەربىيە كوماندىسى» نامىدىن رىقابەتكە چۈشكەن ئۇنۇر بالقان جىنجاڭ بىلەن ۋۇۋەي ئوتتۇرىسىدىكى 175 كېلومېتىرلىق مۇساپىنى 3 سائەت 55 مېنۇت 50 سىكونتتا تاماملاپ، 9 – باسقۇچلۇق مۇسابىقىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.
خىتايدىكى ئۇزۇن مۇساپىلىق ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا بولسا، ئۇنۇر بالقان 3 – بولغان ۋە «توركۇ شەكەر تەنتەربىيە كوماندىسى» نىڭ يەنە بىر ئەزاسى باتۇخان ئۆزگۈر 2 – بولغان ئىدى.
خىتايدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان چىڭخەي كۆلى ئۇزۇن مۇساپىلىق ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، 4 - ئاۋغۇست شەنبە كۈنىدىكى 13 – باسقۇچلۇق مۇسابىقە بىلەن ئاخىرىلىشىدۇ.