ئېۋېرىست تېغى (جومولاڭما چوقىسى)دا  2 چەت ئەللىك تەنتەربىيەچى ھاياتىدىن ئايرىلدى

دۇنيانىڭ ئەڭ ئېگىز تېغى دەپ قوبۇل قىلىنغان ئېۋېرىست تېغى (جومولاڭما چوقۇسى) غا يامىشىش جەريانىدا 2 نەپەر تەنتەربىيەچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

975596
ئېۋېرىست تېغى (جومولاڭما چوقىسى)دا  2 چەت ئەللىك تەنتەربىيەچى ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپال ئېۋېرىست تېغى (جومولاڭما چوقىسى) مەركىزى لاگىرىدا خىزمەت قىلىدىغان گىيانېندرا شىرېستا تاغ تەنتەربىيەچىلىرىگە يول باشلىغۇچىنىڭ دوكلاتىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئېۋېرىست تېغى (جومولاڭما چوقىسى)غا يامىشىش جەريانىدا ماكېدونىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى گجىئورى پېتكوۋنىڭ تۈنۈگۈن ۋە ياپونىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى نوبۇكازۇ كۇرىكىنىڭ بۈگۈن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

گىيانېندرا شىرېستا 35 ياشلىق ياپونىيەلىك ماھىر كۇرىكىنىڭ جەسىتىنىڭ چېدىر قۇرغان رايوندىن تېپىلغانلىقىنى، 63 ياشلىق مېاكىدونىيەلىك پېتكورنىڭ جەسىتىنىڭ بولسا، تېخىمۇ ئېگىز جايدىن تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. 

ياپونىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى نوبۇكازۇ كۇرىكى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئېۋېرىست تېغى (جومولاڭما چوقىسى)غا يامىشىشقا كۆپ قېتىم تىرىشقان ئەمما ئۇتۇققا ئېرىشەلمىگەن ۋە 2012يىلىدىكى يامىشىشتا مۇزلاپ قېلىش سەۋەبىدىن بارماقلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى يوقۇتۇپ قويغان ئىدى.

ياپونىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى نوبۇكازۇ كۇرىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، ھۆتەل ۋە سوغۇقنىڭ تەسىرىدىن قىېينىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تېخىچە ئېنىقلانمىدى.

ماكېدونىيەلىك تاغقا يامىشىش ماھىرى گجىئورى پېتكوۋنىڭ بولسا، نەپەس يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

يەر يۈزىدىن 8 مىڭ 848 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئېۋېرىست تېغى (جومولاڭما چوقىسى) غا يامىشىش جەريانىدا، 1920يىلدىن بۇيان جەمئىي 200 دىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر