ئامېرىكادا بىر ئايال پەلەستىنلىك ئۈچ ياشلىق كىچىك بالىنى بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن تېكساس ئىشتاتىدا بىر ئايالنىڭ ئۈچ ياشلىق كىچىك بالىنى پەلەستىنلىك مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

2155672
ئامېرىكادا بىر ئايال پەلەستىنلىك ئۈچ ياشلىق كىچىك بالىنى بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت جو بايدىن ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبىرى ئېكس (X( ئادرېسىدا پەلەستىنلىك مۇسۇلمان بالىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

بايدىن بۇ ۋەقەدىن «قاتتىق بىئارام بولغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، «ھېچقانداق كىچىك بالا زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىماسلىقى كېرەك، مېنىڭ قەلبىم ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە» دېدى.

19 – ماي كۈنى (2024) پەلەستىنلىك ئانا بىلەن ئۇنىڭ 3 ياشلىق ۋە 6 ياشلىق  بالىلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق قورۇنىڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ئامېرىكالىق ئېلىزابېت ۋولفنىڭ ئالدى بىلەن ئىرقچى ھاقارەتلىرىگە ئۇچراپ، ئارقىدىن جىسمانىي ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى.

ئېلىزابېت ۋولفنىڭ قولىدىن 6 ياشلىق بالا ئاران قېچىپ قۇتۇلغان، 3 ياشلىق بالىنى بولسا، سۇنىڭ ئاستىغا ئىتتىرىپ سۇدا بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئىدى.

پەلەستىنلىىك ئانا ۋە بالىلىرىنى نەق مەيداندا ئەسلى ئافرىقالىق بىر ئامېرىكا پۇقراسى قۇتقۇزۇۋالغان ئىدى.

42 ياشلىق ئېلىزابېت ۋولف بولسا، ئادەم ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر