خاقان فىدان ئەتە پولشادا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە تۈركىيە-رۇمىنىيە-پولشا ئۈچ تەرەپ ھەمكارلىق مۇساپىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە پولشادا زىيارەتتە بولىدۇ.

2155685
خاقان فىدان ئەتە پولشادا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان ئەتە تۈركىيە-رۇمىنىيە-پولشا ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

ۋارشاۋادا 26 – ئىيۇن ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا، 9-ئىيۇلدىن 11-ئىيۇلغىچە ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، ناتوغا قوشنا رايوننىڭ نۆۋەتتىكى بىخەتەرلىك خىرىسلىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

يىغىندا يەنە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «سىياسىي-ھەربىي» كېڭىشىش مېخانىزمى 2012-يىلى رۇمىنىيەنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سەۋىيەسىدىكى تۇنجى مەسلىھەت يىغىنى 2016-يىلى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

ئۈچ تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئاخىرىقى نۆۋەتلىكىگە 2022-يىلى 27- مايدا تۈركىيە ساھىبخانلىق قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر