ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر كىشى قازا قىلىپ، يەنە بىر كىشى يارىلاندى

ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە لىۋاندا قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، بۈگۈن قىلغان ھۇجۇمىدا بولسا، ھىزبۇللاھقا تەۋە خەلق مۇداپىئە خادىمىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2155658
ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر كىشى قازا قىلىپ، يەنە بىر كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «NNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتە ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ بېرگۇلىيە رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان بىر كىشى بارلىق قۇتقۇزۇش تىرىشچانلىقى ئۈنۈم بەرمەي بۈگۈن قازا قىلغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قىسىملىرى بۈگۈن ئەتىگەندە لىۋاننىڭ جەنۇبىغا زەمبىرەك ھۇجۇمى قىلغان.

ھۇجۇمدا، تاييىبە يېزىسىدىكى ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئىسلام سەھىيە كومىتېتىغا تەۋە خەلق مۇداپىئە ئەترىتىنىڭ بىر ئەزاسى يارىلانغان.

خەۋەردە يەنە، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىغا تەۋە ئايروپىلانلارنىڭ يېرىم كېچىدىن كېيىن بىنت جۇبەيل رايونىدىكى ئايتارۇن رايونىدا بىر ئۆيگە ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 خەۋەردە يەنە ھۇجۇمدا قازا قىلغان ۋە يارىلانغانلارنىڭ ھازىرچە رۇي خەتكە ئېلىنالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر