رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان  باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا تۆت كىشى قازا قىلدى

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق پوكروۋىسك شەھىرىگە «ئىسكەندەر- M» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن قىلغان ھۇجۇمىدا، 4 كىشى قازا قىلىپ، 40 كىشى يارىلاندى.

2155604
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان  باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا تۆت كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دونېتسىك رايونىغا قاراشلىق پوكروۋىسك شەھىرىگە «ئىسكەندەر- M» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئوخشاش بىر يەرگە يېرىم سائەتلىك ئارىلىق بىلەن ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە نەتىجىدە تۆت كىشى قازا قىلىپ، ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 40 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان 3 ساقچىنىڭ ئىككىنچى ھۇجۇمدا يارىلانغانلىقى، كەم دېگەندە 18 ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر