تۈركىيە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان فىرانسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى فىرانسىيەدە 300 كىشىنىڭ بىر باياننامە ئېلان قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ چىرىرىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى ھەم بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

966528
تۈركىيە قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان فىرانسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، فىرانسىيەدە بەزى كۈچلەر تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمگە قارشى بوھتاپ چاپلاش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى، ھەمدە 300 كىشىنىڭ بىر باياننامە ئېلان قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ چىرىرىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىشىنىڭ تولىمۇ ھەددىدىن ئاشقانلىق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق ۋە مۇستەسناسىز ئېتىقاد سىستېمىسىغا ئاساسلانغاندا، قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ئاخىرقى ساماۋى كىتابتۇر. دەرۋەقە، بۇ ئىلاھىي كىتاب ھېچبىر ھەرپى ئۆزگەرمەستىن ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، تاكى قىيامەت كۈنىگىچە ئۆزگەرمەيدۇ ھەمدە بۇنى ئۆزگىرتىۋېتىشكە ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ قارىشىچە، ئېتىقادى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسان ھاياتى قىممەتلىكتۇر، شۇڭا، ئىنساننىڭ ھاياتىغا چېقىلىشقا بولمايدۇ، ھەتتا ناھەق بىر ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بارلىق ئىنسانلارنى ئۆلتۈرگەنلىك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر ئىنساننى ياشىتىش پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ياشاتقانلىق بولىدۇ.»

باياناتتا مۇنۇ نۇقتىلار ئالاھىدە تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «ھەمىشە رەھمەت مەنبەسى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا يوللىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن مۇسۇلمانلار بىرلىكتە ياشىغان ئىنسانلارغا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئاساسەن داۋاملىق ياخشىلىق قىلغان، مېھىر - شەپقەت كۆرسەتكەن ۋە ئادىل مۇئامىلە قىلغاندۇر.»

باياناتتا فىرانسىيەگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: «پۈتكۈل دۇنيان مۇسۇلمانلىرىنى قاتتىق رەنجىتىدىغان ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى بۇزىدىغان بۇنداق ئىغۋاگەرلىك قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىنساپلىق ۋە ھەققانيەتچىل بولۇشقا چاقىرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر