​​​​​​​فىرانسىيە يازغۇچىلىرىنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى تەلىپىگە تۈركىيە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

فىرانسىيەلىك 300 يازغۇچى ۋە سىياسەتچى تۈركىيەنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان بىر تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

965394
​​​​​​​فىرانسىيە يازغۇچىلىرىنىڭ قۇرئان ھەققىدىكى تەلىپىگە تۈركىيە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن: «مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئانى كەرىم تا قىيامەتكە قەدەر قوغدىلىدۇ» دېدى.

فىرانسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نىكولاس سازكوزىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يازغۇچىلار، «زوراۋانلىق ۋە يەھۇدىي دۈشمەنلىكىنى تەرغىپ jىلىدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرئان كەرىمدىكى بەزى ئايەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن بۇ تەلەپكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا: «قۇرئان كەرىم، ھېچ كىىشىنىڭ يېزىپ ئۆچۈرۈش تاختىسى ئەمەس. بىزنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىزدۇر. قانداق ۋەھىي قىلىنغان بولسا، تا قىيامەتكىچە شۇ پىتى قوغدىلىدۇ. يەھۇدىيلارغا دۈشمەنلىك قىلىش ياۋروپادا ئوتتۇرىغا چىققان نەپرەت ئىدېئولوگىيەسىدۇر. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدىغان غەربلىكلەر ئالدى بىلەن ئۆز مەنبەلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. زامانىۋى دۇنيادا قالاقلىق ۋە ھاماقەتلىك ھەر قانچە بولسا مۇشۇنچىلىك بولار» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇمۇ بىر قىسىم فىرانسىيە يازغۇچىلىرى ۋە سىياسەتچىلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمدىن بەزى ئايەتلەرنى چىقىرىۋىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ ئىرقىي ئايرىمچىلىق ۋە ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىشنىڭ ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ كەلگەنلىكىدۇر، شۇنداقلا قالاق زىيالىيلىقنىڭ نامايەندىسىدۇر، تولىمۇ ھەددىدىن ئېشىشتى. بۇلار مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ يۈرگەندە زادى نېمە بولماقچى؟ ئەنە ياۋروپادا جامەلەرگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئەۋج ئالماقتا» دېدى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«تارىخ بويىچە يەھۇدىيلارغا سىلەر زۇلۇم قىلدىڭلار، يەھۇدىيلارغا ئوسمانلى خەلىپىلىكى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە مۇسۇلمانلار ئىگە چىقىپ كەلدى. بىزدە يەھۇدىي دۈشمەنلىكى يوق. بۇنداق قىلىش بىزنىڭ ئېتىقادىمىزغا، بىزنىڭ دىنىمىزغا ۋە قۇرئانىمىزغا زىتتتۇر. ياۋروپادا مانا بۈگۈنكى كۈندە ئىرقىي ئايرىمچىلىق، يامان كۆرۈش، كۆچمەنلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش، ئۆزىدىن بولمىغان ئىنسانلارنى دۈشمەن قاتارىدا كۆرۈش ئەڭ يۇقىرى پەللىدە كېتىۋاتماقتا. ئىرقىي ئايرىمچى پارتىيەلەر ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتىدۇ. سىلەر ئالدى بىلەن مانا بۇلارنى توختىتىڭلار، سىلەر قايسى ئەركىنلىكتىن ئېغىز ئېچىۋاتىسىلەر؟ زادى كىمگە دەرس بەرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر