مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى يەمەندىكى توقۇنۇشلارنى ئەيىبلىدى

مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى يەمەننىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ئەدەندە يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلارنى ئەيىبلىدى.

902348
مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى يەمەندىكى توقۇنۇشلارنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلىك تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، جەنۇبىي ھەرىكىتى قۇرغان سىياسىي ۋاقىتلىق كېڭىشىگە قاراشلىق قوراللىقلار بىلەن ھۆكۈمەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا ئكتكەن يەكشەنبە كۈنى باشلانغان توقۇنۇشلار ئەيىبلەندى.

تەرەپلەر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرىلغان باياناتتا، ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تىراگېدىيەدىن قۇتقۇزۇش ۋە خەلقنىڭ دورا ھەم ئاساسلىق ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى تەلەپ قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مەسىلىلەرنى پەقەت ئوچۇق – ئاشكارا، كەڭ كۆلەملىك ۋە يەمەننىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئادىل بىر داۋاملىق ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقى، چۈنكى بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان تەجرىبە – ساۋاقلار ئارقىلىق يۈكەنلەنگەنلىكى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر