«ئايلا» ناملىق فىلىمنى 3 ھەپتىدە 2 مىليون كىشى كۆردى

ھەربىي ئوفىتسېر سۇلايمان دىلبىرلىگى بىلەن كىچىك ئايلانىڭ سۆيگۈ ۋە سىغىنىشقا تولغان 65 يىللىق ھېكايىسى مەزمۇن قىلىنغان فىلىمنىڭ ئىنتايىن تەسىرلىك ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

847275
«ئايلا» ناملىق فىلىمنى 3 ھەپتىدە 2 مىليون كىشى كۆردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ «چەت ئەل تىلىدىكى ئەڭ ياخشى فىلىم» تۈرى بويىچە ئوسكار مۇكاپاتىغا نامزات نامزاتى كۆرسىتىلگەن «ئايلا» ناملىق فىلىمى 3 ھەپتە ئىچىدە 2 مىليون كىشىنىڭ كۆرىشىنى قولغا كەلتۈردى.

«ئايلا» ناملىق فىلىمنى ئىشلىگەن «رەقەملىك سەنئەت شىركىتى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھەربىي ئوفىتسېر سۇلايمان دىلبىرلىگى بىلەن كىچىك ئايلانىڭ سۆيگۈ ۋە سىغىنىشقا تولغان 65 يىللىق ھېكايىسىنى مەزمۇن قىلغان بۇ فىلىمنىڭ تۈركىيە خەلقىنى ئورتاق نۇقتىغا جەم قىلغانلىقى، «ئايلا» ناملىق فىلىم گۇرۇپپىسىنىڭمۇ ئانادولۇنى ئايلىنىپ، كىنو ھەۋەسكارلىرى بىلەن بىرلىكتە فىلىمنى كۆرگەنلىكى ۋە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «بۇ ئالاھىدە پائالىيەت ئالدىنقى ھەپتە زىلەدىن باشلاندى. ئەنقەرە ۋە ئىزمىر بىلەن داۋاملاشتى. نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. «ئايلا» فىلىم گۇرۇپپىسى ئانادولۇ زىيارىتىدە نېۋشەھىر، ئادانا، ئانتاليا، ئانتاكيا، ئىسكەندېرۇن، غازىئانتەپ، ئەسكى شەھىر ۋە كونياغا، ئاخىرىدا ھەربىي ئوفىتسېر سۇلايمان دىلبىرلىگىنىڭ يۈرتى قەھرىمانماراشقا بارىدۇ» دېيىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر