قىرىمدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 4 كىشى قازا قىلىپ، 151 كىشى يارىلاندى

رۇسىيە قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمنىڭ سىۋاستوپول شەھىرىدە، تۈنۈگۈن (23-ئىيۇن) يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 4 كە يەتتى.

2155225
قىرىمدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 4 كىشى قازا قىلىپ، 151 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىۋاستوپول رايونىنىڭ ئاتالمىش ۋالىيسى مىخايىل راۋوجايېۋ تېلېگرام ئادرېسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سىۋاستوپولدىكى ھۇجۇمدا 2 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 4 كىشى قازا قىلدى، 151 كىشى يارىلاندى، يارىلانغانلاردىن 82  كىشى دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىندى» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى كرېمىل سارىيىنىڭ باياناتىدا، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىنغا سىۋاستوپولدىكى ھۇجۇم ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەنلىكى ۋە پۇتىننىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا رۇسىيە ھۆكۈمىتى، سەھىيە ۋەكىللىرى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن ئىزچىل ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ئالېكسېي كۇزنېتسوۋمۇ پۇتىننىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ باشقا جايلىرىدىن سەھىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ ھۇجۇمدا يارىلانغانلارغا تىببىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن سىۋاستوپولغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا «24-رۇسىيە» تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ سىۋاستوپولغا ھۇجۇم قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ بۇ ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئۈچۈن تىرىشىمىز» دېدى.

سىۋاستوپول رايونىنىڭ ئاتالمىش ۋالىيسى مىخايىل راۋوجايېۋ تۈنۈگۈن بەرگەن باياناتىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ سىۋاستوپولغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، 3 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 100 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بۇ ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكادا ياسالغان مىسكىت بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ATACMS» تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، شۇڭا بۇ ۋەقەگە ۋاشىنگتوننىڭ جاۋابكار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.


خەتكۈچ: #ھۇجۇم , #قىرىم

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر