سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم ئايال كىشى شەھەر باشلىقى بولدى
سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇنجى قېتىم بىر ئايال مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى.
814145
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەرقىي (شەرقىييە) رايونلۇق كاتىبات باشقارمىسى تەرىپىدىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شەرقىييە باش كاتىبات باشقارمىسى تەرىپىدىن ئىمان ئابدۇللاھ ئەلغامىدىنىڭ ئەلخۇبەرنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇچۇر – تېخنولوگىيە ۋە ئاياللار خىزمەتلىرى ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
سەئۇدى ئەرەبىستاندا سابىق پادىشاھ ئابدۇللاھ بىن ئابدۇلئەزىز تەرىپىدىن 2011 – يىلى 25 – سېنتەبىر كۈنى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن قانۇن ئارقىلىق ئاياللار 2015 – يىلى سايلاملارغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ھەمدە قىسمەن سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىدى.