ئەردوغان «تۈرك تىلى بايرىمى»نى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك تىلىنى ياشنىتىش ۋە مۇكەممەل ھالىتى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتتى.

813879
ئەردوغان «تۈرك تىلى بايرىمى»نى تەبرىكلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك تىلى بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى.

تۈرك تىلىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك بىر خەزىنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، تۈركچەنى ياشنىتىش ۋە ئىگە چىقىش ئۈچۈن ھەممەيلەننى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئەردوغان تەبرىك سۆزىدە، تۈركىيە خەلقىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان مەنىۋىي بايلىقلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۈركچە بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك تىلىنى ياشنىتىش ۋە مۇكەممەل ھالىتى بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئۆز تىلدىن ياتلىشىش تەھدىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى ۋە بۇ جەھەتتە سەزگۈرلۈك بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر