ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك ھەققىدىكى ھەقلىق رەۋىشتىكى ئەندىشىلىرىنى چۈشىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

788066
ئامېرىكا: تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىنى چۈشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر نائېرت كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، «تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگرا رايونلىرىغا ھەربىي قوشۇن ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئەندىشە قىلامسىلەر؟» تەرىقىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە جىددىي قارايدۇ، بىز ئەردوغان ھۆكۈمىتى بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىپ كېلىۋاتىمىز. تۈركىيەنىڭ پ ك ك مەسىلىسىدە ھەقلىق رەۋىشتە ئەندىشىلىرى بار، بىز بۇنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىمىز، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلەيمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر