رۇسىيە تۈركىيەگە تېلېۋىزىيە تىيارتىرى زاكاس قىلدى

«Türk Maya Productions» شىركىتى ئىشلەپ بەرمەكچى بولغان «قەلبنىڭ سولتانى» ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى رۇسىيە بازىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى باھاسى ئەڭ يۇقىرى فىلىم لايىھەسى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

785738
رۇسىيە تۈركىيەگە تېلېۋىزىيە تىيارتىرى زاكاس قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ «Gazprom-Medya» شىركىتىگە قاراشلىق «Perviy» تېلېۋىزىيە قانىلى تۈركىيەگە كۆپ قىسىملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى زاكاس قىلدى.

تۈركىيەدە ئىشلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ رۇسىيەدە قولغا كولتۈرگەن ئۇتۇقلىرى رۇسىيەدىكى فىلىم شىركەتلىرىنى تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشقا ئۈندىمەكتە.

رۇسىيەنىڭ «Gazprom-Medya» شىركىتىگە قاراشلىق «Perviy» تېلېۋىزىيە قانىلى ئۈچۈن «Türk Maya Productions» شىركىتى ئىشلەپ بەرمەكچى بولغان «قەلبنىڭ سولتانى» ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى رۇسىيە بازىرىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى باھاسى ئەڭ يۇقىرى فىلىم لايىھەسى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

«Gazprom-Medya» شىركىتى دائىرىسىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان «KIT» كىنو سىتۇدىيوسى بىلەن «Türk Maya Productions» شىركىتى ۋەكىللىرى « Global Connection International Media Group» گۇرۇھى بىلەن «Perviy» تېلېۋىزىيە قانىلى ئۈچۈن «قەلبنىڭ سولتانى» ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

فىلىم تۈركىيەدىكى كىنو سىتودىيولىرىدىن بىرسىدە سىنغا ئېلىنىدىغان بولۇپ، فىلىمدە تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ئارتىسلىرى بىرلىكتە رول ئالىدۇ. فىلىمنى ئىشلەپ چىقىرىشنى «Türk Maya Productions» شىركىتى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. تېلېۋزىيە تىياتىرى دەپسلەپتە تۈرك تىلىدا ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئاۋاز بېرىلىدۇ. 

كېلىشىمگە بىنائەن «قەلبنىڭ سولتانى» ناملىق تېلېۋزىيە تىياتىرى 24 بۆلۈملۈك بولۇپ، «KIT» كىنو سىتۇدىيوسى فىلىمنىڭ ئۇتۇقىغا قاراپ كېيىنچە 4 پەسىللىك قىلىپ ئىشلەپچقىرىشنىمۇ پىلانلىماقتا.

«KIT» كىنو سىتۇدىيوسى دىرىكتورى ئالېكساندىر بوندارېۋ: «بۇ خامجوت ۋە بۆلۈم سانى نۇقتىسىدىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق كېلىشىم بولدى» دەپ ئېنىقلىما بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر