تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت يىلى

تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت يىلى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىشكە باشلىدى.

754285
تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت يىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2017-2018 يىللىرىنى ئۆز-ئارا مەدەنىيەت يىلى ئېلان قىلىشى كۈتۈلمەكتە.

ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بۇ ھەقتە ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇ ۋە بىر يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەتتە فېستىۋاللاردىن سىرت، كونسېرت، كۆرگەزمە، تىياتىرغا ئوخشاش خىلمۇ خىل پائالىيەتلەرمۇ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ۋالېد ئەلكەرەجنى قوبۇل قىلغاندا، مەدەنىيەت يىلى بەرپا قىلىشتا ھەر ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرىنىڭ ئۆزئارا زىيارەت ئورۇنلاشتۇرۇپ خىزمەت كالدىندارى تۈزۈپ چىقىدىغانلىقلىرىنى، شۇنداقلا مەدەنىيەت يىلى دائىرىسىدە ئۇيۇشتۇرۇلىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۇنجى بولۇپ 1974-يىلى  مەدەنىيەت ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، 2016-يىلى سېنتەبىردە مەدەنىيەت ھەمكارلىق پىروگراممىسى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل بىن زايىد ئەتتورايفى تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ ئەمەلىيەلەشتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر