شىرناكتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە  تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

شىرناكنىڭ بەيتۇششەباپ ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان «بوزدوغان -44» ھەربىي ھەرىكىتىدە  بىرسى  ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقىدا ئورۇن ئالغان ۋە ئىككىسى كۈلرەڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا ئورۇن ئالغان جەمئىي تۆت تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2154596
شىرناكتا ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە  تېررورچىلارغا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايانىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ، ATAK ھۇجۇمچى تىك ئۇچار، ژاندارما قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى،  ژاندارما ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى، ژاندارما كوماندىرلىرى ئەترىتى ۋە بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرىنىڭ تەڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەيتۇششەباپ يېزىلىرىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىۋاستە توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

توقۇنۇشتا، تېررورلۇق جىنايىتى يۈزىسىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان، ئاپېلسىن رەڭلىك تۇتۇش بۇيرىقىدا ئورۇن ئالغان باسرى جىن ۋە كۈلرەڭ تۇتۇش بۇيرۇقىدا ئورۇن ئالغان سەفەر تەمەل بىلەن يىلماز سالا قاتارلىق جەمئىي 4 تېررورچىنىڭ قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر