تۈركىيە، 4 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا بىرىنچى بولدى
ئەزەربەيجان 33 ئالتۇن مېدال، 23 كۈمۈش مېدال ۋە 12 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، جەمئىي 68 مېدال بىلەن 2 – بولدى.
732980
![تۈركىيە، 4 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا بىرىنچى بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/459b/2c6a/2518/591a7f746ae72.jpg?time=1718730051)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 4 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدا تۈركىيە 92 مېدالغا ئېرىشىپ بىرىنچى ئۇرۇنغا ئۆتتى.
4 – نۆۋەتلىك ئىسلامىي ھەمكارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى باشلىنىپ، 3 – كۈنىدە تۈركىيەنىڭ 35 ئالتۇن مېدال، 31 كۈمۈش مېدال ۋە 26 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، جەمئىي 92 مېدال بىلەن بىرىنچى بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.
مىللىي كوماندىمىز ئەزەرەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا 3 – كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىن كېيىن، 92 مېدال بىلەن بىرىنچى ۋە ساھىبخان ئەزەربەيجان بولسا، 33 ئالتۇن مېدال، 23 كۈمۈش مېدال ۋە 12 مىس مېدالغا ئېرىشىپ، جەمئىي 68 مېدال بىلەن 2 – بولدى.