مەھمەت گۆرمەز قىزغىزىستاننى فەتھۇللاھچىلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

مەھمەت گۆرمەز: «بىز قىرغىزىستاننى جېنىمىزنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرىمىز. قىرغىزىستاننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە، بىز قەلبىمىزگە سانچىلغاندەك ھېس قىلىمىز» دېدى.

733430
مەھمەت گۆرمەز قىزغىزىستاننى فەتھۇللاھچىلار ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت گۆرمەز ئاسىيادىكى ئەڭ خەتەرلىك تەشكىلاتلاردىن بىرسى بولغان فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

مەھمەت گۆرمەز ئەنقەرەدە، زائىربېگ ئەرگەسەۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى قىرغىزىستان دىنىي ئىشلار كېڭىشى ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

سىرىتقى كۆرۈنىشتە توغرىدەك كۆرىدىنىدىغان ۋە بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىغا سېڭىپ كىرىۋالغان بۇنداق تەشكىلاتلارغا قارشى كۈرەشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «بىز بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭ ئاچچىق ئازابىنى باشتىن كەچۈردۇق. باشقا دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭمۇ ئوخشاش ئازابنى تارتىشىنى خالىمايمىز» دېدى.

قەتھۇللاھچى تېرررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيادا ئىسلامنىڭ ۋە تۈركىيەنىڭ نامىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۆز قۇرۇلمىلىرىنى تىكلىيەلىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، قىرغىزىستانلىق ھەيئەتكە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كېرەكلىك قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. 

مەھمەت گۆرمەز: «بىز قىرغىزىستاننى جېنىمىزنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرىمىز. قىرغىزىستاننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرسە، بىز قەلبىمىزگە سانچىلغاندەك ھېس قىلىمىز» دېدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدا تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈنجى مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە باراۋەر خىزمەت قىلغان دۆلەتنىڭ قىرغىزىستان ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، فوتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

قىرغىزىستان دۆلەتلىك دىنىي كېڭەش باشلىقى ئەرگەسەۋمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقتىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلقىنى تىلغا ئېلىپ، «ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردىمۇ ھەمكارلىقىمىز نۇقتىسىدىن تۈركىيەنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشىمىز لازىم. قىرغىستاننىڭ بۇ تەجرىبىلەرگە ئېھتىياجى بار. يەنە كېلىپ دىنىمىز، تىلىمىز بىر بولغانلىقى ئچۈنمۇ بۇ ھەمكارلىقلار تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى لازىم» دېدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر