تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 12.05.2017

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

731052
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 12.05.2017

 

ھۆررىيەت گېزىتى، «سومكىدىكى دەلىل تىزىملىكى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى يازدى:

دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى راققە ھەرىكىتى ئۈچۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ غا ئېغىر تىپلىق قوراللارنى بېرىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ھەممىنىڭ دىققىتى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 16 – مايدىن 17 – مايغىچە ئېلىپ بارىدىغان ئامېرىكا زىيارىتىگە مەركەزلەشتى. ئەردوغاننىڭ سومكىسىدا بىخەتەرلىك ۋە ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئەڭ يىڭى ھۆججەتلەر بىلەن تەييارلانغان مۇھىم بىر تىزىملىك بار. تىزىملىكتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە بېرىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئەمما تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ قولىغا ئۆتكەن قوراللارنىڭ دەلىل - پاكىتلىرى مەۋجۇت. ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ي پ گ غا بەرگەن قوراللىرىدىن تەشكىل تاپقان بۇ مۇھىم تىزىملىكتە يەنە، ئىشلەپچىقىرىش رەت نومۇرى ئۆچۈرۈپ تاشلانغان، بىراق ئامېرىكىغا، گېرمانىيەگە ۋە ئەنگلىيەگە تەۋە قوراللارنىڭ تۈرلىرىمۇ بار. بۇلارنىڭ تۈركىيەگە قانداق كىرگۈزۈلگەنلىكى، قەيەردە ۋە قانداق قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ مۇزاكىرە قىلىنماقچى.

خەبەر تۈرك گېزىتى، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

 جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 14 – مايدىن 15 - مايغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىر يول، بىر بەلباغ خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى يىغىنى»غا قاتنىشىش ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن بۈگۈن خىتايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ئەردوغان 14 – مايدا «بىر يول، بىر بەلباغ خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يۇقىرى دەرىجىلىك دىيالوگ يىغىنىغا، 15 – مايدا بولسا، يۇمۇلاق ئۈستەل رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتىشىپ نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

ساباھ گېزىتى، «مىللىي باشقۇرۇلىدىغان بومبا <بورا> نەتىجىلىك ھالدا دەل نىشانغا تەگدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى:

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق تۈركىيەنىڭ تۈنجى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى «بورا»نىڭ سىنوپتا نەتىجىلىك سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سىنوپتا قويۇپ بېرىلگەن «بورا» قارا دېڭىزدىكى نىشاننى غەلىبىلىك بىتچىت قىلىپ تاشلىدى. شۇنداق قىلىپ 280 كىلومېتىر مۇساپىلىق تۇنجى يەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا كۈچىنى كۆرسەتكەن بولدى.

ۋەتەن گېزىتى، «سومالىدىكى تۈركىيە بازىسى سېنتەبىردە ئېچىلىدۇ» سەرلەۋھلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم لوندوندىكى سومالى كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى كۈرەشتە مۇنتىزىم بىر ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇشى مۇھىم. بۇ دائىرىدە سومالى ئارمىيەسىگە يادەمچى بولىدىغان، موقدىشۇ – ئانادولۇ ھەربىي تەلىم تەربىيە بازىمىز ئالدىمىزدىكى سېنتەبىر ئېيىدا تولۇق پائالىيەتنى باشلايدۇ» دېدى.

يېڭى شەپەق گېزىتى، «تىجارەتنىڭ يېڭى يۆنۈلۈشى قارا دېڭىز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە 2012 – يىلى خىزمەت باشلىغان قارا دېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئىستانبۇلدىكى يىغىندا سودا – تىجارەتنى قولايلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى قارارىنى قوبۇل قىلدى. بۇ قارار ئارقىلىق رايوندىكى دۆلەتلەردە سودا – تىجارەتكە ئالاقىدار قائىدە - بەلگىلىمىلەر ئاددىيلاشتۇرۇلىدۇ. تاموژنا رەسمىيەتلىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىلىشى، ئۆتكۈنچى ماللارغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر