توكيودا پويىز ئىستانسىسىغا مەسجىد ياسىلىدىغان بولدى

ياپونىيەنىڭ شەرقىي رايون تۆمۈر يول شىركىتى مۇدىرى: «ياپونىيەگە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار زىيارەتكە كېلىدۇ. ئىستانسىلىرىمىزدا ئۇلارغا ئىبادەت قىلالايدىغان مۇھىت يارىتىپ بەرمەكچىمىز» دېدى.

730400
توكيودا پويىز ئىستانسىسىغا مەسجىد ياسىلىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ شەرقىي رايون تۆمۈر يول شىركىتى «East Japan Railway Company» توكيودىكى ئىستانسىسىدا مەسجىد ياسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

ياپونىيەنىڭ شەرقىي رايون تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ بۇ قارارىغا جەنۇبىي ئاسىيانى بويلىغان ھالدا ياپونىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار سانىنىڭ ئېشىشىنىڭ سەۋەب بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

شەرقىي رايون تۆمۈر يول شىركىتى «East Japan Railway Company» مۇدىرى تېتسۇرو تومىتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ياپونىيەگە نۇرغۇن مۇسۇلمانلار زىيارەتكە كېلىدۇ. ئىستانسىلىرىمىزدا ئۇلارغا ئىبادەت قىلالايدىغان مۇھىت يارىتىپ بەرمەكچىمىز» دېدى.

شىركەتنىڭ باش مۇدىرى مەسجىدنىڭ 5 – ئىيۇندا ئېچىلىدىغانلىقىنى، ھەپتە ئىچى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:30 دىن كەچ سائەت 19:00 غىچە، ھەپتە ئاخىرىدا بولسا، ئەتىگەن سائەت 08:30 دىن 17:00 گىچە ئىبادەتكە ئوچۇق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسجىدنىڭ كۆلىمى 8 كۇرادىرات مېتىر كېلىدۇ. مەسجىدتە تاھارەت ئالدىغان مەخسۇس جاينىڭمۇ بارلىقى قەيت قىلىندى.

ياپونىيەدە ھازىرچە ھانېدا ئايرودورۇمى بىلەن نارىتا ئايرودورۇمىدىمۇ مەسجىد يوقلۇقى بىلدۈرۈلمەكتە.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر