قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (14)

تۆۋەندە سۈرە ئەئرافنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ھەققىدە توختىلىمىز.

703765
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (14)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە ئەنئامنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختالغان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە بولسا، سۈرە ئەئرافنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە ئەئراف ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:  

بۇ سۈرىنىڭ 46 - ۋە 48 – ئايەتلىرىدە «ئەئراف ئەھلى»[1] تىلغا ئېلىنغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئىسمى «ئەئراف» دەپ ئاتالغان. بۇ گويا ئەئراف تىلغا ئېلىنغان سۈرە دېگەنلىك بولىدۇ.

نازىل بولغان ۋاختى:

سۈرىنىڭ مەزمۇنىنى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمىزدە، ئۇنىڭ نازىل بولغان ۋاختىنىڭ تەخمىنەن سۈرە ئەنئامنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز. ئەمما قايسى سۈرىنىڭ بالدۇر نازىل بولغانلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس. بۇ سۈرىدىكى نۇتۇق ئۇسلۇبى ئۇنىڭ سۈرە ئەنئام نازىل بولغان دەۋر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇنىڭ ئارقا كۆرىنىشىنى چۈشىنىش ئۇچۇن سۈرە ئەنئام ھەققىدە يىزىلغان قىسقىچە چۇشەنچىگىمۇ بىر قۇر قاراپ چىقىش كۇپايە قىلىدۇ.

مەزمۇنى: 

بۇ سۇرىدىكى خىتابلار دەۋەتنى ئۆزىگە ئاساسلىق تىما قىلغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئاللاھنىڭ سۆيۈملۇك پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىشقا ھازىرلاش مەقسەت قىلىنىدۇ. بۇ سۈرىدىكى دەۋەت ئۇسلۇبىنىڭ قويۇق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە قورقۇتۇش تۈسى ئالاھىدە گەۋدىلىك كۆرىنىدۇ. چۇنكى سۈرىدىكى خىتاپ قىلىنغۇچىلارغا (يەنى مەككە ئەھلىگە) چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئۆزىنىڭ جاھىل تەرسالىقى ۋە قارشىلىق قىلىشلىرىدا ئاخىرىقى چەككە يەتكەن ئىدى. پات يىقىندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئۇلارغا قىلىنىۋاتقان خىتابنى توختۇتۇپ، باشقىلار تەرەپكە بۇرۇلۇشقا ئاللاھتىن ھۆكۇم كېلىش ئالدىدا تۇراتتى. شۇڭلاشقا پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقى بىلەن بىرگە «سىلەردىن ئىلگىرىكى قەۋملەرمۇ ئۆز پەيغەمبەرلىرىگە خۇددى سىلەرگە ئوخشاشلا پوزىتسىيەدە بولغانلىقى تۈپەيلىدىن يامان ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولۇشقان ئىدى» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىۋاتاتتى. ئۇلارغا يەتكۈزۈلىۋاتقان دەلىللەر ئاخىرىلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا خىتابنىڭ ئاخىرىقى قىسمىدا دەۋەتنىڭ يۆنىلىشى ئۇلاردىن بۇرۇلۇپ، ئەھلى كىتابلارغا قارىتىلىدۇ. يەنە بىر جايدا پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە ئۇمۇمىي يۈزلۈك خىتاب قىلىنىدۇ. بۇ ھىجرەتنىڭ يىقىنلىشىپ قالغانلىقى شۇنداقلا يىقىن ئەتراپىدىكىلەرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىلىۋاتقان خىتابلارنىڭ ئەمدى ئاخىرىلىشىش باسقۇچىغا يەتكەنلىكىدىن دېرەك بىرەتتى.

قىلىنىۋاتقان خىتابنىڭ يۆنىلىشى يەھۇدىلارغا يۆتكەلگەندىن كىيىن، كىشىلەرنى پەيغەمبەرنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىش بىلەن بىرگە، پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرگەندىن كىيىن يەنىلا مۇناپىقلارچە پوزىتسىيەدە بولغانلارنىڭ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشقا ۋەدە قىلغاندىن كىيىنمۇ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ، ھەق بىلەن ناھەقنى تونۇغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ناھەقچىلىك پاتقىقىغا پاتقانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە دۇچار بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ.

سۈرىنىڭ ئاخىرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىگە تەبلىغ قىلىشتا زۆرۈل بولغان بىر قىسىم تەدبىرلەر چۈشەندۈرۈلۈپ، قارشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ۋەھشىلىكى ۋە جەبىر- زۇلۇملىرىغا سەبىرچانلىق، چىدامچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكى، ھەرگىزمۇ ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئەسلىدىكى نىشاننى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىپ سالماسلىقى تەكىتلىنىدۇ.  (داۋامى بار....)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ئەنفالنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، مەزمۇنى ۋە  نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1]   ئەئراف –  جەننەتكىمۇ ياكى دوزاخقىمۇ كېرەلمەي ئوتتۇرىدا قالغان، بىراق جەننەتكە كېرىش ئۈمىدىدە بولىدىغانلار تۇرىدىغان جايدۇر.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر